ھەركىم تۆھپە قوشالايدۇرغان ئوچۇق ئېنسىكلوپېدىيە
|
|
|
|
|
Help for non-Uyghur speakers / Xeber Uyghurche yézilghan emes / 非维吾尔语的留言
خەلقئارالىق ئۇچۇر بىلىم تور بېتى ۋىكىپېدىيەنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخاسىغا خوش كېلىپسىز!
بۇگۈنكى نادىر يازما
|
نورۇز مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەنھەرىكەت بايرىمى، ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ قەدىمىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادا مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدا سانىلىدىغان تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرىدۇر.
نورۇز بايرىمىنىڭ ئىران ۋە تۇران دىيارلىرىدا يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھازىر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە شەكىللەنگەن نورۇز مەدەنىيىتى ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
نورۇز يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق كۈن دەپ بىلىپ، زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن. نورۇزنىڭ كىرىش ۋاقتى شەمسىيە كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنگە، مىلادى كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، يەنى، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ كۈننى يىل بېشى قىلىپ تاللاپ، ئۇنىڭغا نورۇز (يېڭى كۈن، يىل يېڭىلانغان كۈن)، دەپ ئات قويغان.
|
|
يېڭىلىقلار
|
ۋىكىپېدىيە نۇرغۇنلىغان تىللاردىكى ئېنسكلوپېدىيە بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىمۇ مەزمۇنى بىر قەدەر مول بولغان تىللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇراي دېسىڭىز ، كۆپچىلىككە قېتىلىپ بىرلىكتە ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىڭ.
يېڭى ياكى كونا مەزمۇنلارنى تەھرىرلەشنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇ ئۇلانمىسىنى چېكىڭ ، ئەگەر سىناپ باقماقچى بولسىڭىز بۇنى ساندبوكس چېكىڭ ، شۇنداقلا كوممۇنیتي پورتالنى زىيارەت قىلسىڭىز ۋىكىپېدىيەدىكى ھەرقانداق ماقالىنى تەھرىرلەشنى شۇئانلا بىلەلەيسىز.
|
|
بىلەمسىز...
|
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان....داۋامى ئۈچۈن
|
مەشھۇر شەخس...
|
ئەلشىر ناۋائى (پارىسچە، چاغاتايچە: نظام الدین على شير هروی; Nizām al-Din ʿAlī Shīr Herawī) - ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، زامانىدىكى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابىدۇر. ناۋائىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇرچىسى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
نەۋايى بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىزنى 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مۇساپىسى ئايرىپ تۇرسىمۇ، شائىرنىڭ دىللارغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى ئوتلۇق غەزەللىرى، قەلبلەرنى نۇرغا تولدۇرغۇچى ھېكمەت دۇردانىلىرى ھەر ۋاقىت قۇلىقىمىز تۈۋىدە ياڭراپ، بىزنى ھاياتنى سۈيۈشكە، ئۆزىمىزنى قەدىرلەشكە، «ئىنسان» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.....داۋامى ئۈچۈن
|
|
|
تارىختا بۇ ئاي...
|
2 - ئاي ياكى فېۋرال (ئىنگ: February) ئايى مىلادى تەقۋىمىدە يىلنىڭ 20 ئېيىدۇر. بۇ ئاي ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كەبىسە يىللاردا 29 كۈن بولۇپ كېلىدۇ. تارىخىمىزدا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى چوڭ ئىشلار، بۇ ئايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە قايتىش بولغان مۇھىم شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:
|
|
بۇگۈنكى تاللانغان رەسىم
ئالېكساندېر خامېلتون (ئىنگ: Alexander Hamilton)(ت. 1757- يىلى 11- يانۋار ئۆ. 1804- يىلى ئىيۇل) ئا ق ش تارىخىدىكى تۇنجى خەزىنە مېنىستېرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مالىيە سېستىمىسىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.