خەلق تورى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى 22-قېتىملىق ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىنى 2023-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16 گىچە جەمئىي 5 مىليون 810 مىڭ كىشى بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ، تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئون تېما تاللاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى»، «ئىجتىمائىي كاپالەت»، «ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى، تۆۋەندە بىز ئەھۋال ئىگىلەش نەتىجىسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بىلەن سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2023-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 3- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. شۇ چاغدا بىز سىلەرگە ئىككى يىغىنغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا خەۋەربىرىمىز، دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر!